باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

300 نەپەر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى مېترو 1-لىنىيەسىگە چىقىپ كۆردى

2018.05.10 15:41   مەنبە: خەلق تورى

300 نەپەر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى مېترو 1-لىنىيەسىگە چىقىپ كۆردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو 1-لىنىيەسى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىدە 300 نەپەر شەھەر ئاھالىسى كۈتۈۋېلىندى، بۇ كىشىلەر ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىگە كىرگەندىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى يېشىل رەڭ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېشىل تام ۋە تۈۋرۈكلەرنى بويلاپ يۇقىرىغا قارىغاندا، تورۇستا ساڭگىلاپ تۇرغان تال-تال يوپۇرماقلار ئارىسىدىن چىراق نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچىسى روڭمۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق گاۋ خانىم مۇنداق دېدى: «ئەتىياز پۇرىقى كۈچلۈك بوپتۇ، كىشىگە ئارامبەخش تۇيغۇ بېرىدىكەن، يېشىللىق مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى كىشىلەرگە سىڭدۈرىدىكەن، مېترو بېكىتىنى بۇنداق چىرايلىق بولىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن، بېكەتلەرنىڭ ئورنىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان بېكەت ئۇسلۇبىدا لايىھىلىسە بولىدىكەن.»

  شۇ كۈنلۈك ھېس قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان 300 نەپەر شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىرىدىكى مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى) ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، بىر قىسمى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتى»دىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلار. پائالىيەت تەخمىنەن 30 مىنۇت داۋاملاشقان، 300 نەپەر شەھەر ئاھالىسى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىدىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمغا يېتىپ بېرىپ، يەنە ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىگە قايتىپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…
    ·سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مە…
    ·گوۋۇيۈەن پىكىر بېسىپ تارقىتىپ ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەش…
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…