باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك __

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقايلى (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە __ يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە)

2018.05.11 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھارنىڭ مەيىن شامىلى مىڭلىغان تاغ- دەريالارنى سۆيۈپ ئۆتتى. ۋەتەننىڭ بىپايان زىمىنى يېشىللىققا پۈركەندى.

  «بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق> دېگەن ئىدىيەنى ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلدى.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ سىگنالى چېلىندى، كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتى باشلاندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى… شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جايلار ۋە تارماقلار ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، «گۈزەل جۇڭگو» نىشانىغا قاراپ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىدى.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە غەلىبە قىلىشتا، يەتتە مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ جەڭ ياخشى قىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ھەممىدىن مۇھىمى كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «دىل يارىسى»نى ساقايتىش. «ئاتموسفېرا 10 ماددىسى» نىشانى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشتى، ئەمما كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.تۈتەكنى داۋاملىق تۈزەپ، كۆك ئاسماننى قوغداش كېرەك.

  26-مارت كۈلرەڭ تۈتەك بېيجىڭنى قاپلاپ، ھاۋاسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىلدى. شەھەرلىك مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش باش ئەترىتى مەمۇرىي تەپتىش 1-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گو خاۋ خىزمەتكە چۈشۈپلا قىزىق نۇقتا كاتەكچىسى APPسىنى ئېچىپ، شۈنيى رايونى جاڭجېن بازىرىدىكى بىر نۇقتىنىڭ «مەلۇم قىلىش» ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى بايقىدى، ئارقىدىن مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى دەرھال تۈزەش تەدبىرى قوللاندى. بېيجىڭ پۈتۈن شەھەرنى 1700 كاتەكچىگە بۆلدى ۋە PM2.5 زىچلىقى نىسبەتەن يۇقىرى 133 رايوننىڭ قىزىق نۇقتا كاتەكچىسى قىلدى.

  بېيجىڭ شەھىرى كۆك ئاسماننى قوغداش 2018-يىللىق ھەرىكەت پىلانى تۈزدى، بۇ يىللىق نىشان پۈتۈن شەھەرنىڭ PM2.5 يىللىق ئوتتۇرىچە زىچلىقىنى داۋاملىق چۈشۈرۈش. ھەرىكەت پىلانىدا يەنە رايونلارغا بۆلۈپ ھاۋا سۈپىتى نىشانى بېكىتىلدى. بېيجىڭ ھازىر ھاۋاسىنى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاشقا تىرىشىپ، PM2.5نى ئاز-ئازدىن تىزگىنلەپ، تۈرلۈك تۈزەش تەدبىرلىرىنى بىر مىنۇتمۇ ئارام ئالماي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ ئاسماننى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، خەلقنىڭ كۆپ ئاسمان بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر