خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ماي چۈشتىن بۇرۇن توكيونىڭ مېھمان كۈتۈش سارىيىدا ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو، كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جائىن بىلەن بىللە 7-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقى شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە دۇنيادىكى ئۈچ ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىقتىساد-سودىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە يېتەكلەش، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ھازىرقى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئۈچ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، يەنە رايون، دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئۈچ تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەنپەئەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى