باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى مىسىرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.05.09 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر مىسىردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئەزالىرى 7- ماي قاھىرەدە مىسىر پارتىيە- گۇرۇھ زاتلىرى، مىسىر-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە جۇڭگو- مىسىر تاراتقۇلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جۇڭخۇا چەتئەل بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت بولسا، مىسىرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالاقە ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆپ دىنلىق دۆلەت، ھەرقايسى دىنلار ئەزەلدىن ئورنى جەھەتتە باراۋەر ۋە مۇناسىۋىتى ئىناق بولىۋاتىدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما بىر-بىرىنى ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئىتتىپاق ۋە ئىناق ئۆتىدۇ.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇندا تۇرغاچقا، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۇ چوڭ ئائىلىدە تارىخلىرى يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى.

  شۈ گۈيشياڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاقە جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىللە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلدى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى «ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق بەختتۇر، بۆلگۈنچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىق ئاپەتتۇر» دېگەن داۋلىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، جەمئىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ كۆپ مىللەت، كۆپ مەدەنىيەت ۋە كۆپ دىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئورنى ئەزەلدىن باراۋەر، مۇناسىۋىتى ئىناق بولۇپ كەلمەكتە، ھەمدە يۇغۇرما ھالدا تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە، لېكىن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرمۇ شىنجاڭ جەمئىيىتىگە ئىنتايىن چوڭ زىيان يەتكۈزمەكتە. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىكىلەر دىنىي ئەقىدىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلدى، ئۇ خىل ئەسەبىي ئىدىيەلەر بولسا، بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق ۋە تېررورچىلىق ئىدىيەلىرىنىڭ ئاساسىدۇر، شۇڭا، ئۇلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا، شۈ گۈيشياڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قىسىم كىشىلەر شىنجاڭنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن، ئۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلار ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما، ئېچىۋېتىش ۋە ئالماشتۇرۇشلار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى تونۇپ يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىزدە «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دەيدىغان ئاتىلار سۆزىمىز بار. شۇڭا، بىز دوستانە زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىپ كۆرۈشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر