5-ئاينىڭ 7-كۈنى، «جۇڭتېيى بىرلەشمە چىڭداۋ مەركىزىي پونكىتى»دە، لۇڭمېن مۇنارى «چىڭداۋ» ناملىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزىغا يۈك قاچىلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئايدىكى چىڭداۋغا دېڭىز قۇشلىرى توپلاندى، كېمە-پاراخوتلار قاتنىماقتا، قىرغاقتىكى پورتلار بېسىق، بىراق تەرتىپلىك بولماقتا، ماللار ئەركىن يۈرۈشمەكتە. مىڭ يىللاردىن بۇيان، ئوكياندىن كەلگەن يۈك پاراخوتلىرى دېڭىز-ئوكيان مۇسسۇن شامىلىغا ئەگىشىپ بۇ يەردە توختىغان، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىشلەنگەن تاۋارلار يىپەك يولىنى بويلاپ بۇ يەرگە توشۇپ كېلىنىپ، پاراخوتقا قاچىلىنىپ دېڭىزغا چىققان.
تەبىئىي رايون ئەۋزەللىكى ۋە تارىختا شەكىللەنگەن يول جياۋجۇ قولتۇقىدا ئۆسكەن چىڭداۋنى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئالاقە قىلىپ ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان جايىغا ئايلاندۇرغان. بۇ يىل 6-ئايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم چىڭداۋدا جەم بولىدۇ. چىڭداۋ دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. «يىپەك يولى روھى» بىلەن «شاڭخەي روھى» بۇ شەھەردە گىرەلىشىپ، ئەپ ئۆتۈپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىدا قويۇق بىر سەھىپە پۈتۈپ چىقىشىغا شاھىد بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى