خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 8-ماي، ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ھەمدە ئىران يادرو كېلىشىمى سەۋەبىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان ئىراننى جازالاشنىڭ قوزغىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ شۇ كۈنى ئاق سارايدا تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، ئىران يادرو كېلىشىمى بىر «ناچار» كېلىشىم، ئىراننىڭ يادرو تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا بولغان چەكلەش «بەك ئاجىز» بولۇپ، ئىراننى جازادىن كەچۈرۈم قىلدى، كېلىشىمدە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى چەكلەنمىدى ھەمدە ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا «ئەنسىزلىك پائالىيىتى پەيدا قىلىش»ىمۇ چەكلەنمىدى، ئۇنىڭدىن باشقا كېلىشىمدىكى ئىراننىڭ كېلىشىم كۈچتىن قالغاندىن كېيىن ئۇران قۇيۇلدۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئالاقىدار «كۈن پېتىش ماددىلىرى»نىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى.
ترامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدا ئىراننىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان «ھەل قىلغۇچ دەلىل- ئىسپات» بار، دېدى.
سۆز قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ھۆججەتنى ئىمزالىدى.
2015-يىلى 7-ئايدا، ئىران بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە) ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىران يادرو پىلانىغا چەك قويۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىرانغا قارىتىلغان جازالاش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى