باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇچۇر تارقىتىشتىكى تىپىك دېلولاردىن 11 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2018.05.10 11:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، توردا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇچۇر تارقىتىشتەك تىپىك دېلو مىساللىرىدىن 13- تۈركۈمدىكى 11 دېلونى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە-ئىغۋا، يالغان ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدار كىشىلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1- دېلو: قاراماي شەھىرىدىكى ئاx نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

  2018-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئەر، ئۇيغۇر، 46 ياش، قاراماي شەھىرىدىن)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئاxگە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  2-دېلو: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى كۇxنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش، تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، تورداشلار كۇx (ئەر، ئۇيغۇر، 21 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىن)نىڭ يانفونىغا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئالاقە تورى ئارقىلىق تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە كۇxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  3-دېلو: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى چېنxنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

  2018 -يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تورداشلار چېنx(ئەر، خەنزۇ، 30 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خۇبېي ئۆلكىسى)نىڭ يانفونىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە چېنxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  4-دېلو: سانجى ئوبلاستىدىكى تورئەھلى گاۋxنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

  2018-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تورداشلار گاۋx(ئەر، خەنزۇ، 41 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئەنخۇي ئۆلكىسى)نىڭ يانفونىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىننى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە گاۋ xكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  5-دېلو: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى مېيxنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى چۈشۈرۈش، تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، تورداشلار مېيx(ئايال، ئۇيغۇر، 25 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىن)نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى كۆپ قېتىم چۈشۈرۈپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مېيxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  6-دېلو: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئاxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئەر، ئۇيغۇر، 24 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن يازما، سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئاxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  7-دېلو: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ۋېيxنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، تورداشلار ۋېيx (ئەر، خەنزۇ، 25 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گەنسۇ ئۆلكىسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق «خوتەندە توپىلاڭ كۆتۈرۈلدى، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلدى» دېگەن پىتنە-ئېغۋانى تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋېيxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  8-دېلو: بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ليۇxنىڭ سىياسىي ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، تورداشلار ليۇx (ئايال، خەنزۇ، 45 ياش، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا سىياسىي ئېغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ليۇxغا مەمۇرىي جازا بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  9-دېلو: شىخەنزىدىكى تور ئەھلى فەنxنىڭ قانۇنسىز ئەرزىيەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش دېلوسى

  2018-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، تورداشلار فەنx(ئەر، خەنزۇ، 32 ياش، شىخەنزە شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا باشقىلارنى كۆپ قېتىم قانۇنسىز ئەرزىيەتكە قۇتراتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە فەنxكە مەمۇرىي جازا بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  10-دېلو: ئاقسۇدىكى تور ئەھلى زوxنىڭ قورقۇتۇش خاراكتېرىدىكى گەپ-سۆزلەرنى يوللاش دېلوسى

  2018-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، تورداشلار زوx(ئەر، خەنزۇ، 31 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق قورقۇتۇش خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەرنى يوللاپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە زوxكە مەمۇرىي جازا بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  11-دېلو: قەشقەردىكى تۇx قاتارلىق بەش كىشىنىڭ مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، تورداشلار تۇx(ئەر، ئۇيغۇر، 48 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىن)، شۈx(ئەر، خەنزۇ، 25 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىن)، گۇx(ئايال، ئۇيغۇر، 26 ياش، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدىن) قاتارلىق بەش كىشىنىڭ ئۈندىدار توپىدا مەخپىي خىزمەت ھۆججىتىنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئورۇنلار تۇx قاتارلىقلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي گۇناھ يېزىش قاتارلىق مەمۇرىي جازالارنى بەردى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى ھەرگىزمۇ قانۇندىن خالىي بىر جاي ئەمەس. ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر يازما، سۈرەت ۋە ئۈن- سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەر، قورال- ياراغلار، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلار دېگەندەكلەرنىڭ ياسىلىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆگەتكەن ۋە ياسىغانلار، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلار، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىدىغان ۋە تەھدىت سالىدىغان، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىدىغان مەزمۇنلاردىكى يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تارقاتقۇچىلار دېگەندەكلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يازما، سۈرەت ۋە ئۈن-سىنلار بولسا، كىشىلەر ئۇلارنى ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىشى، يوقىتىشى كېرەك، ئەگەر شەخس يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي يوسۇندا ۋە قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام ۋە تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغداشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تورداشلارنىڭ توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

  پاش قىلىش ئۇسۇلى:

  تور ئادېرىسى : www.xjwljb.com

  تېلېفون نومۇرى : 2384777-0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : xjwljb@xjts.cn

  بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

  ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

  ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر