باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ ئامېرىكا-چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ 12-ئىيۇن سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2018.05.11 11:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 10-ماي، ئۆزى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ترامپ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «ئالاھىدە دەقىقە» بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كىم جۇڭئۇن 9-ماي پيۇڭياڭدا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو بىلەن كۆرۈشۈپ، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان چاۋشيەن- ئامېرىكا باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ بىر قېتىملىق «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچرىشىش» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە چاۋشيەن تۇتۇپ قالغان ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىقنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ۋە قايتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.

  10-ماي سەھەردە، ترامپ ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ پېنس ئايرودرومغا چىقىپ، پومپىيو بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن بۇ ئۈچ نەپەر ئامېرىكىلىقنى كۈتۈۋالدى.

  چاۋشيەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پومپىيونىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرى كىم جۇڭئۇنغا ترامپنىڭ ئاغزاكى خېتىنى يەتكۈزۈش ھەمدە چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، كىم جوڭئۇن پومپىيو بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان باھاسى ۋە كۆز قارىشى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ چاۋشيەن-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا بولغان مەيدانى ۋە پىكرىنى ئالماشتۇردى. كىم جۇڭئۇن ۋە پومپىيو مۇھاكىمە قىلىنغان مەسىلىلەر ئۈستىدە «رازى بولغان ئورتاق تونۇش» ھاسىل قىلدى.

  يېقىندىن بېرى، كۆپ تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولدى. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن بىلەن كىم جۇڭئۇن پانمۇنجومدا كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن «پانمۇنجوم خىتابنامىسى» ئىمزالىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئەبەدىي تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، چاۋشيەن-كورېيە ئىككى تەرەپ ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا تەرەپ يەنىلا: ئەگەر چاۋشيەن يادرودىن ۋاز كەچمىسە، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قارىتىلغان «چەكسىز بېسىم قىلىش» تاكتىكىسىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر