باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى: ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-كونترول قىلىش نىشانىدىن تەۋرەنمەسلىك، سالمىقىنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

2018.05.10 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى 9-ماي ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-كونترول قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا چېڭدۇ، تەييۈەن ئىككى جاينىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ سۆزلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تىكلەپ، «ئۆي پۇل تېپىشقا ئەمەس، ئولتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن نۇقتىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-كونترول قىلىش نىشانىدىن تەۋرەنمەسلىك، سالمىقىنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىكنىڭ تەڭشەش-كونترول قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چاقىرتىپ سۆزلىشىشتە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي باھاسى، ئىجارە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەڭشەش-كونترول قىلىش نىشانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ تۇرالغۇ تەرەققىيات پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، يەر ۋە تۇرالغۇ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەڭشەپ، ئوتتۇرا-كىچىك يۈرۈشلۈك ئادەتتىكى تۇرالغۇلارنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش؛ مەبلەغنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە پىشاڭىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، بازار خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ بازار تەرتىپىنى كۈچەپ تۈزەپ قېلىپلاشتۇرۇپ، مۆلچەرلەپ باشقۇرۇش ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھايانكەشلىك قىلىشنى توسۇپ، ئاممىنىڭ مۇتلەق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاش ۋە قاندۇرۇش كېرەك.

  چېڭدۇ، تەييۈەن ئىككى جاينىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-كونترول قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، دەرھال كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بازار مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  بۇ قېتىملىق چاقىرتىپ سۆزلىشىشتە، ئۆز-زېمىننى تەڭشەش-كونترول قىلىش نىشانىدىن تەۋرەنمەسلىك، سالمىقىنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش قايتا تەكىتلەندى. بۇ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دىكى «مىنىستىرلار يولى»دىن كېيىن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى.

  ئۇقۇشۇمچە، «1-ماي»دىن ئىلگىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يەنە شىئەن، خەيكۇ، سەنيا، چاڭچۈن، خاربىن، كۈنمىڭ، داليەن، گۇيياڭ، شۈجۇ، فوشەن قاتارلىق 10 شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ سۆزلەشكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر