باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: جۇڭگو مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ ئامېرىكىغا بېرىپ ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭىشىشكە قوشۇلدى

2018.05.10 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 9-ماي جۇڭگونىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىغا ئۆمەك ئەۋەتىپ ئىقتىساد-سودا كېڭىشى ئۆتكۈزۈشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىن ئەپەندىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى، خەتتە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ باشلامچىسى ليۇ خېنى ئامېرىكىغا زىيارەتكە بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى توغرىسىدا داۋاملىق كېڭىشىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. جۇڭگو تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ ئامېرىكىغا بېرىپ كېڭىشىشكە قوشۇلدى، ئىككى تەرەپنىڭ خىزمەت ئەترىتى ھازىر زىچ ئالاقىنى ساقلاۋاتىدۇ.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاق ساراي جۇڭگونىڭ كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتونغا كېلىپ داۋاملىق سودا سۆھبىتى قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر