باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۈچ تەكلىپ بەردى

2018.05.10 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، دائىرىسى ئەڭ چوڭ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور ئۇنىۋېرسال رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ئايلاندى، ساياھەت بايلىقى موللاشتى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەر قوشۇلدى. جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جىنزاۋ 9-ماي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەت «تورتى»نى يەنىمۇ چوڭايتىش تەكلىپى بەردى.

  9-ماي خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت مىنىستىرلىرى يىغىنىدا لى جىنزاۋ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن خەلقئارا ھەمكارلىق ساھەسى ئىچىدە، ساياھەت ساھەسىنىڭ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى كۆپ، ئىختىلاپ ئاز، ئىستىقبالى پارلاق،ئۇنى ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە ۋە ئالدىن يۆنىلىش قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى تەرەققىيات پىروگراممىسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش؛ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك سىياسىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت سىياسىتى مۇھىتىنى ياخشىلاش؛ ساياھەتچىلىك بىلەن ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق باشقا كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى جىنزاۋ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش پىكىرلەدە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، يىپەك يولى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەت بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئېچىپ، بىرلىشىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە داڭقىنى ئاشۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش كېرەك.

  بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، ھەر قايسى تەرەپلەر «2017-2018-يىللىق <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى تەرەققىيات پىروگراممىسى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى»نى ئورتاق ئىمزالاپ، بۇ يىل تۇنجى نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ساياھەت مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلغانىدى.

  ئۇقۇشۇمچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا سەككىز دۆلەت ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەسلەيدىكەن ۋە «2019-2020-يىللىق <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى تەرەققىيات پىروگراممىسى> بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى»نى مۇزاكىرە قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر