باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىللىق شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى باشلاندى

2018.05.10 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي، 3-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئىگىلىك يارىتىش قانىتى» ئىگىلىك تىكلەش يېڭىلىق-يارىتىش مۇسابىقىسى شىنجاڭ رايونى تاللاش مۇسابىقىسى ھەمدە 2018-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

  مۇسابىقە تۆت ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ «ئىگىلىك يارىتىش تۈرلىرى»، «يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى»، «مەخسۇس تۈر مۇسابىقىسى» قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاۋام ئىچىدىن ئايرىم-ئايرىم تاللاش (5-ئاينىڭ بېشىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە)، دەسلەپكى مۇسابىقە (6-ئاينىڭ بېشىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە)، قوشۇمچە مۇسابىقە (8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە)، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە (8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە) تۆت باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون مىقياسى ئىچىدە ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگەن ياكى بەلگىلىك ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى بار، ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى بار ۋە 16 ياشقا توشقان ئىگىلىك تىكلەش خاھىشى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ (يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساس ئىگىلىرى، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى (ئوقۇش پۈتكۈزۈپ بولغانلارمۇ بولىدۇ)، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش بويىچە ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرغان ئىشچىلار، ھەربىيدىن قايتقان ۋە كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر، يۇرتىغا قايتقان ئىشلەمچىلەر، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  تىزىملىتىش ئۇسۇلى: يېقىندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئورگان تورى (www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى (www.xjggjy.com)، جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (www.xjrc365.com) غا چىقىپ چۈشۈرسە ياكى «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالىتى 12333» (新疆人社) ئۈندىدار سۇپىسى، «ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى ئۈندىدار سۇپىسى» (自治区人力资源市场微信公众号) ئارقىلىق تەكشۈرسە بولىدۇ.

  مۇسابىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش تۈرى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرسى تەسىس قىلىندى، مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ يۈەن. 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى بار بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى بار بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن. مەخسۇس تۈر مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىكتىن بىرسى بار بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن، 2-دەرىجىلىكتىن ئىككىسى بار بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن، 3-دەرىجىلىكتىن ئۈچى بار بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئەلا تۈرلەرگە قارىتا يەنە ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى، بانكا يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغى، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ياردەم بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر