باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق بىرلىشىپ ئەلئارا قەرز بېرىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇردى

بۇنداق قانۇنسىز قەرزگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2018.05.11 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بانكىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن بىرلىكتە «ئەلئارا قەرز بېرىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قوغداشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئەلئارا قەرز بېرىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە زورلۇق بىلەن قەرز سۈيلەشنىڭ ئىجتىمائىي خەۋپىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئالاقىدار قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز جەلپ قىلىش، جامائەت ئامانەت پۇلىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا جەلپ قىلىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ ئەلئارا قەرز بېرىش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش، قانۇنسىز قاماش، ھاقارەتلەش، چۆچۈتۈش، تەھدىت سېلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن ئەلئارا قەرزنى سۈيلەش، شۇنداقلا بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش قاتارلىق ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىش ياكى جىنايەتكە چېتىشلىق قىلمىشلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە قانۇنسىز ئەلئارا قەرز بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىگە قاتناشقان بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى كەسىپكارلىرىنى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىنتىزام جازاسى بويىچە جازالايدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  بانكا-سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئەلئارا قەرز ماجىراسى كۆرۈلگەندە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەلئارا قەرز دېلوسىغا قاراپ چىقىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىشىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قەرز پۇل بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئاساسلىق شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات تەسىس قىلىشىغا ياكى قەرز تارقىتىشنى كۈندىلىك كەسپىي پائالىيەت قىلىشىغا بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تەرەپلەر قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، كۆپ تەرەپ تەدبىر قوللىنىش، راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. توسۇش «تۆتكە قاتتىق زەربە بېرىش، بىرنى قەتئىي مەنئى قىلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز جەلپ قىلىش، جامائەت ئامانەت پۇلىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا جەلپ قىلىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ ئەلئارا قەرز بېرىشكە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ؛ قەستەن زەخىملەندۈرۈش، قانۇنسىز قاماش، ھاقارەتلەش، چۆچۈتۈش، تەھدىت سېلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن ئەلئارا قەرزنى سۈيلەشكە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشكە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ؛ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قانۇنسىز قەرز بېرىش، ئىشلىتىش ئورنى ئېنىق بولمىغان قەرز بېرىش ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، تاۋار سېتىش نامىدا ئەمەلىيەتتە يۇقىرى ئۆسۈملۈك(ھەقلىق) شەكلى ئۆزگەرگەن قەرز بېرىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ؛ بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى كەسىپكارلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەزا ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچە سۈپىتىدە، ئەلئارا قەرز بېرىشنى تەشكىللىك ئېلىپ بېرىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر