باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«توشقان كالپۇك» بالىلارنىڭ غەمگۇزارى __ ئاينۇر

2018.05.11 11:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قۇرباننىساخان ئەخەت بىر كۈنى سەھەردە كوچا سۈپۈرۋېتىپ، يول بويىدىكى بىنانىڭ يېنىدىن چىقىۋاتقان بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ يىغا ئاۋازى چىققان تەرەپكە بېرىپ يۆگەكلىك بالىنى قولىغا ئالدى، يۆگەك ئىچىدىن كالپۇكى، تاڭلىيى يېرىق بوۋاق بىلەن خەنزۇچە بىر پارچە خەت چىقتى. پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن قۇرباننىساخان بوۋاقنى باغرىغا چىڭ باستى. بۇ بالىغا باشقىچە مېھرى چۈشۈپ قالغان ئىدى، ئۇ ئەھۋالنى باشلىقلىرىغا ئېيتىپ بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. بوۋاقنىڭ كالپۇكى، تاڭلىيى يېرىق بولغاچقا نورمال بالىلاردەك سۈت ئىمەلمەيتتى، بۇ ئەھۋالدا بوۋاقنى قانداق بېقىش كېرەك؟

  ئۇنىڭغا بەزىلەر بوۋاقنى ھۆكۈمەت ئورنىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى، تۇرمۇشىنى ئاران قامداۋاتقان تۇل ئايال ئۈچۈن بۇ بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشۇشنىڭ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەسلىكىنى ئېيتىشتى. لېكىن قۇرباننىساخان قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ بالىنى بېقىش قارارىغا كەلدى. ئۇ بىرسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى بەش ئەزا بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى ئاينۇر داۋۇتنى ئىزدەپ بېرىپ، بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتتى. ئاينۇر دوختۇر قۇرباننىساخانغا بالىنى قانداق بېقىش ھەم بالىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ بوۋاق يېشىغا توشقاندا «ئەتىكى پىلان» تۈر مەبلىغى بىلەن شىنجاڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىندى. بۇلتۇر ئۇ 11 ياشتا بۇ دوختۇرخانىدا يەنە بىر قېتىم گۈزەللەشتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىپ، بالىنىڭ ئېغىز ئەتراپىدىكى تاتۇقلار يوقالدى. بۇ بالا ھازىر 6-يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. قۇرباننىساخان ئوغلىنى ئېلىپ پات-پات ئاينۇر دوختۇرنى ئىزدەپ كېلىپ، ئانا-بالىنىڭ خۇشاللىقىدىن ئۇنىمۇ تەڭ بەھرىمەن قىلدى. چۈنكى بىمارلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم ئاينۇر داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ئىدى.

  شىنجاڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى 1987-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى كۆزىدە مەسىلە بار، تۇغما يۈرەك كېسەل، گاس-گاچا، توشقان كالپۇك-تاڭلىيى يېرىق... بالىلارنى تۈر مەبلىغى ئارقىلىق داۋالاپ، نۇرغۇن بالا ۋە ئاتا-ئانىغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان كەسىپلەشكەن دوختۇرخانا ئىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت تۇغما توشقان كالپۇك بىمارلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇلارغا ئىشەنچ ھەم خۇش تەبەسسۇم ئاتا قىلىۋاتقان ئاق خالاتلىق پەرىشتە ئاينۇر داۋۇت دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان 29 يىلدىن بۇيان، قانچىلىغان كالپۇكى، تاڭلىيى يېرىق بالىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلغىنىنى ئۆزىمۇ ساناپ بولالمايدۇ. ئۇ بارلىقىنى توشقان كالپۇك بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە گۈزەللىكىگە بېغىشلاپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ روھى بېسىمىنى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىنىمۇ يېنىكلىتىشتە ئۆزىنىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.

  ئاينۇر داۋۇت كىچىكىدىنلا دوختۇرلۇق كەسپىگە ھەۋەس قىلاتتى، چوڭ بولغاندا ئانىسىدەك ئاياللار بۆلۈمى دوختۇرى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. 1983-يىلى ئاينۇر داۋۇت ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ تېببىي شۆيۈەنىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. 1989-يىلى ئۇ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ يىل بولغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىغا تەقسىم قىلىندى. ئۇ بۇ دوختۇرخانىنىڭ بەش ئەزا بۆلۈمىدە ئىشلەش جەريانىدا دائىم ھەر خىل شەكىلدىكى مېيىپ بالىلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇقەددەس ئىش ئىكەنلىكىنى، بىر بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى پۈتۈن ئائىلە، جەمئىيەتنى خۇشال قىلىدىغان شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، بۇ كەسىپكە ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن بېرىلدى، تىرىشىپ ئۆگەندى، ئىزدەندى.

  ئاينۇر داۋۇت 1991-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا بىلىم ئاشۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەش ئەزا بۆلۈمىدە بىمارلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى باشلىدى. 2001-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايون بويىچە مەخسۇس تۇغما خاراكتېرلىك كالپۇك، تاڭلاي يېرىق بىمارلىرىنى داۋالاشتىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاينۇر داۋۇت كالپۇك، تاڭلاي يېرىق بىمارلىرىنى داۋالاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، چىرايى ئەسلىگە كەلگەن بالىلارنى كۆرۈپ، ھاردۇقى چىققاندەك بولاتتى، ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك روھىي ئازابتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىدىن خۇشال بولاتتى.

  شىنجاڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىدا دۆلەتلىك خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يېتىم-يېسىر، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا چۈشۈرگەن 17 خىل كېسەلنى ھەقسىز داۋالاش تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كالپۇك، تاڭلاي يېرىق بالىلارنى داۋالايدىغان «ئەتىكى پىلان»، «تەبەسسۇم پويىزى» بار. بۇ ئىككى پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق توشقان كالپۇك بالا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى.

  بۇرۇن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلار ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ، ئوپېراتسىيە قىلىناتتى. 2016-يىلى يىل ئاخىردىن باشلاپ، بىمارلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە، ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئۆز بىمارلىرىنى ئۆز رايونىدىن چىقارماسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئاينۇر داۋۇت ھەپتە ئارىلىقىدا ئۆز دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرۈپ ئوپېراتسىيە قىلسا، دەم ئىلىش كۈنلىرىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ كالپۇك، تاڭلىيى يېرىق بالىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ كېلىدىغان بولدى. ئۇ ئاتا-ئانىلارغا ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى پەرۋىشنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرەتتى. بالىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى، قاتتىق-قۇرۇق تاماق ۋە يېمەكلىكلەردىن پەرز تۇتۇپ، ئوپېراتسىيە قىلغان جاينىڭ قايتا جاراھەتلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشنى قايتا-قايتا جىكىلەيتتى. مەكتەپلەرگە بېرىپ توشقان كالپۇك بالىلارنى كەمسىتمەسلىك، بۇ بالىلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، بۇ بالىلارنىڭ روھى ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى. ئاينۇر داۋۇت تەكلىپ بىلەن كورلىغا كېسەل داۋالىغىلى بارغاندا، سىچۇەنلىك بىر ئىشلەمچى ئايال توشقان كالپۇك بالىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكىلى ئەكەلدى، ئۇلارنىڭ نوپۇسى سىچۇەندە بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ تۈر مەبلىغىگە ئېرىشەلمەيتتى، بۇ ئايالنىڭ بالىنى يۇرتىغا ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا قۇربى يەتمەيتتى. ئاينۇر داۋۇت دەرھال دوختۇرخانا باشلىقىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، بېيىجىڭدىكى «تەبەسسۇم پويىزى» تۈر مەبلىغى ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇ بالىنى شىنجاڭدا ئوپېراتسىيە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  نەچچە يىل بۇرۇن، ئاينۇر داۋۇتنىڭ ئون نەچچە ياشقا كىرگەن قىزى كېسەل سەۋەبى بىلەن بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى. بۇ كېلىشمەسلىك ئاينۇر داۋۇت ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئەكبەر ئەخمەتكە شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى، ئۆزلىرىنىڭ دوختۇر تۇرۇپ يۈرەك پارىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرالمىغانلىقىدىن بەكمۇ ئېچىندى. لېكىن ئۇلار ئاستا-ئاستا قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باشقا پەرزەنتلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىشقا ئاتلاندى. ئاينۇر داۋۇت بىر ئانا ۋە بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتلىرى ئاغرىپ قالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ بالىلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش بىلەن بىللە، ئاتا-ئانىلارغىمۇ مەدەت ۋە ئىلھام بېرەتتى. ئۇ يەنە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاتا-ئانىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان ئىدى.

  كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئاينۇر داۋۇتنىڭ دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغىمۇ 29 يىل بولدى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى بەش ئەزا بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈمەكتە. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۆت قېتىم تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ مەملىكىتىمىزدە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان «تەبەسسۇم پويىزى» فوندى جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق كالپۇك، تاڭلاي يېرىق كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلەر يېغىنىغا قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ كېسەللىك توغرىسىدىكى تەتقىقاتىدىكى يېڭى بىلىم، تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ كېلىپ، شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.

  ئاينۇر داۋۇتنىڭ ئېرى ئەكبەر ئەخمەت مۇنداق دېدى: ئاينۇر كەسپىنى قىزغىن سۆيىدۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئاغرىقلار ئاينۇرنىڭ كاللىسىدىن نېرى كەتمەيدۇ، ئۇ دائىم ئوپېراتسىيەدىن چىققان بالىلار قاتتىق نەرسە يەۋالغانمىدۇ؟ ئوپېراتسىيە ئورنى ياخشى تۇتقانمىدۇ؟ دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئاتا-ئانىلارغا تېلېفون ئۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدۇ. مەنمۇ بىر دوختۇر، شۇڭا ئۇنىڭ خىزمىتىنى چۈشىنىمەن، بىز ھايات مۇساپىمىزدە بىر-بىرىمىزنى ئۆزئارا قوللاپ، مەدەت بېرىپ، خەلقىمىزگە ساغلام تەن ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر