باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇقىرى نۇقتىدىن چىڭ تۇتۇپ، ئۈچ بۇرۇلۇش ئارقىلىق نېگىزىدىن تۈزەش

يۈننەن: توققۇز كۆلنى تۈزەشتە چوڭ ھېساب قىلىندى، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىندى

2018.05.11 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «يامغۇر ياغمىسا، ئەۋزەر قۇدۇقلىرى <بىكار>چى بولۇپ قالىدۇ». يۈننەن دالىدىكى يۇڭشىڭ كەنتىدە چىۋىن، پاشىلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. كەنتتىكى دۈەن پىنجى ماڭا ھەممە جاينى كۆرسەتتى، ئاق رەڭلىك PVC تۇرۇبىسى قورۇ، ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، چىنە يۇيغان سۇ، يۇيۇنغان سۇلارنىڭ ھەممىسى تىندۇرۇش كۆلچىكىگە يىغىلىدىكەن، ئاندىن يېقىندىلا ياسالغان ئەۋرەز تۇرۇبىسىغا ئېقىپ كېتىدىكەن. «بۇ ھەقىقەتەن بىر تېمىم پاسكىنا سۇنىمۇ ئېرخەي كۆلىگە كىرگۈزمەسلىك بولدى»

  يۈننەندە ئېگىزلىك كۆللىرى كۆپ بولۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆللەرنى تۈزەش ئىكولوگىيەنى قوغداش ۋە قۇرۇشتىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. 2016- يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەركەزنىڭ 7- مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىك گۇرۇپپىسى بىر قاتار مەسىلىلەرگە ئېنىق تىزىملىك تۈزۈپ، يۈننەننىڭ ئېگىزلىك كۆلىنى تۈزەش ۋە قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ ئشۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

  مەسىلنى تۈزىتىشنى زور سىياسىي ۋەزىپە، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ تۇتۇش كېرەك! يۈننەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۆللەرنى تۈزەشنى «ئۈچ بۇرۇلۇش» ئارقىلىق ئىلگىرى سۈردى؛ مەسئۇلىيەتتە «تەرەپ تەرەپتىن تۈزەش»نى «بىرلىشىپ تۈزەش»كە؛ باشقۇرۇشتا «ئاخىرىدا تۈزەش»نى «ئېقىننى تۈزەش»كە؛ سىستېمىدا «بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى «ئېكولوگىيەلىك تۈزەش»كە بۇرۇدى.

  دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېرخەي ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق چۈشەندۈردى: «بىرلىشىپ تۈزەش» تارماقلار تۈزەپلا قالماي، ئاساسلىق رەھبەرلەرمۇ باش بولۇپ ھەرىكەتكە كېلىش دېگەنلىك. يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تۈزەش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر بولغان فۇشىيەن كۆلى بىلەن ئېرخەي كۆلىنىڭ دەريا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى؛ پۈتۈن ئۆلكىسىدىكى ئالتە چوڭ سۇ سىستېمىسى، نيۇلەن دەرياسى ۋە توققۇز چوڭ ئېگىزلىك كۆلىنىڭ دەريا باشلىقىلىقىغا پۈتۈنلەي ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر تەيىنلەندى؛ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى بارلىق ئوبلاست، شەھەرلەرنى قاپلىدى. يۇقىرى نۇقتىدىن چىڭ تۇتۇلۇپ، نۇرغۇن كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. فۇشيەن كۆلىنى تۈزەشتە «چاقماقتەك تۈزەش ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلۇپ. كۆل بويىدىكى بارلىق مەركەز، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك كارخانا ۋە كەسپى ئورۇنلار چېكىنىپ چىقتى. ئېرخەي كۆلىدە «جىددى قۇتقۇزۇش ئەندىزىسى» يولغا قويۇلۇپ، دېڭىز بويىدىكى 2500گە يېقىن تاماقخانا، مېھمانخانىلار ۋاقىتلىق تاقالدى. ديەنخۇ كۆلى ھەۋزىسىدىكى 569 تەبىئىي كەنتنىڭ ھەممىسىگە پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىپ ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر