باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بارلىق ئەمگەكچىلەرنى قاپلايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلىدۇ، ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىنىدۇ

كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى «ئۆمۈرلۈك»كاپالەتكە ئىگە بولدى (سىياسەت يەشمىسى)

يەشكۈچى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى

2018.05.11 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن « ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى ھۆججەت. كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى پەسەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر. كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئۆمۈرلۈك»دېگەن ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ قېتىملىق سىياسەتتە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بار؟ بۇ ھەقتە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدىم.

  تۆت چوڭ تەدبىر «ئۆمۈرلۈك»تۈزۈمنىڭ خاس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

  2012- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىدىغان كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى جەمئى 114 مىليون ئادەم قېتىم قانات يايدۇرۇلدى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئاپپاراتلىرى 20 مىڭدىن ئاشتى، مەملىكەت بويىچە ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەر 165 مىليونغا كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار 47 مىليون 910 مىڭ كىشى. بىراق ھازىر كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى خىزمىتىدە يەنىلا قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولماسلىق، تەربىيەلەش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، تەمىنلەش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئىسلاھاتىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا بىلىملىك، كەسپىي ماھارەتلىك، ئىجادچان ئەمگەكچىلەر چوڭ قۇشۇنىنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  بۇ «پىكىر»نىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يارقىن نۇقتىسى «ئۆمۈرلۈك» بولۇش، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئۆمۈرلۈك» بولۇش ئاساسلىقى مۇنداق تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

  بىرىنچى، تەربىيەلەش ئوبيېكتى بارلىق ئەمگەكچىلەرنى قاپلايدۇ، شەھەردىكى ئەمگەكچىلەر، شۇنداقلا يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىككىنچى، تەربىيەلىنىش ياردەم پۇلى ئەمگەكچىنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىي ھاياتىنى قاپلايدۇ، ئەمگەك تەييارلىقىدىن باشلىنىپ، ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ھەم ئۆگىنىش ۋە كەسپىي ھاياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈشكىچە، ھۆكۈمەتنىڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولىدۇ. مەزكۇز ئالاقىدار مەسئۇل كىشى ماڭا: بۇ كەسپىي ماھارەت بويىچە ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش تۈزۈمىنىڭ يادروسى، دېدى.

  ئۈچىنچى، كەسپىي ماھارەت بويىچە باھالاپ رىغبەتلەندۈرۈش پائالىيىتى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى كۆپ مەنبەلىك باھالاش مېخانىزمى، ماھارەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، باھالاش، ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشتىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  تۆتىنچى، ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى، جامائەت ئەمەلىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، كەسپىي مەكتەپلەر، كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ساھە، كارخانىلارنى ئاساس قىلغان ۋاستىلەر ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر