خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 4-تۈركۈمدىكى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ئورۇنلىشىپ بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 13 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق ئون ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق توققۇز تارماق، ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)ىغا قارىتا مەخسۇس كۆزىتىش ئېلىپ بارىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماق، ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)ىغا قارىتا «قايتىدىن قاراپ چىقىش» كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
بۇ قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇددىتى ئىككى ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. كۆزىتىش مەزگىلىدە، ھەر قايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس ئالاقىلىشىش تېلېفونى (قوبۇل قىلىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00 دىن 22:00 گىچە)، پوچتا خەت ساندۇقى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ئاساسلىقى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە مۇھىم خىزمەت ئورنىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خەت، تېلېفون ۋە يۈزتۇرانە ئىنكاسلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، نۇقتىلىق ھالدا سىياسىي ئىنتىزام، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش ھەمدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي روھى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى ۋە ئىنكاسىنى قوبۇل قىلىدۇ. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان باشقا ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى