باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 13 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.05.11 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى «1-ماي» بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدىكى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى»دا ھەرقايسى جايلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 13 مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ مەخسۇس رايوننىڭ «ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى 2-قېتىملىق مەركەزلىك ئاشكارىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  مەلۇم قىلىنغان مەسىلىلەر بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق 13 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن، چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما ۋە پاراۋانلىق تارقىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا قوبۇل قىلىش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولمىغان دېلو مىسالى چاغان، «1-ماي» دەم ئېلىشى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايرام مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن، ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش «1- ماي»، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا قارىتا بىرقەدەر كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر