باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئەلچىخانىسى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئۇلارنىڭ ئامانلىق مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتتى

2018.05.14 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 13- ماي ئېلان چىقىرىپ، ھىندونېزىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئامانلىق مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتتى.

  ھىندونېزىيە شەرق ياۋا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى سۇرابايا شەھىرىدىكى ئۈچ چېركاۋدا 13- ماي ئەتىگەندە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پارتلاشلار يۈز بېرىپ، سەككىز ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم يارىلانغان. جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە سۇرابايادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە دوكلات كەلمىگەن.

  رامىزان كېلىش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ ھىندونىزىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھىندونېزىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ شۇ جايدىكى ئامانلىق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئالاھىدە زۆرۈر ئىش بولمىغاندا، دىنىي پائالىيەت سورۇنى دېگەندەك ئادەم كۆپ بارىدىغان رايۇنغا بېرىشتىن ساقلىنىپ، ئىمكانقەدەر سىرتقا ئاز چىقىشىنى ئەسكەرتتى. ئەگەر جىددىي ئەھۋال بولۇپ قالسا، چوقۇم تەمكىن بولۇپ، دەرھال نەق مەيداندىن ئايرىلىپ ياكى نەق مەيدان ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز-ئۆزىنى قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ساقچىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر