خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئېلىمىزنىڭ ئىككىنچى ئاۋىياماتكىسى داليەن كېمىسازلىق زاۋۇتى پىرېستانىدىن يولغا چىقىپ، ئالاقىدار دېڭىز تەۋەسىگە بېرىپ دېڭىزدىكى سىناق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئاساسلىقى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىستېمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە مۇقىملىقى تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سۇغا چۈشۈرۈلگەندىن بۇيان، 2-ئاۋىياماتكىنىڭ ياسىلىش خىزمىتى پىلان بويىچە پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سىستېما- ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش، يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇراشتۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك توختىتىش سىنىقى قاتارلىقلار تاماملىنىپ، دېڭىزدا سىناق قىلىش تېخنىكا شارائىتى ھازىرلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى