باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى باشلاندى

2018.05.14 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئاۋالقى يىللاردىكى ئاساستا خاسلاشتۇرۇلغان تۈرى كۆپەيتىلگەن. بۇ يىلدىن باشلاپ، ھەر قايسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى سالاھىيەتلىك دوختۇرلارنى سالامەتلىك تەكشۈرتكىلى كەلگەنلەرگە دىئاگنوز قويۇش، تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئائىلە كېسەللىك تارىخى، ئىرسىيەت تارىخى، كېسەللىك خەۋپ ئامىلى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ۋە بەدەن ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان سالامەتلىك ئەھۋالى بويىچە، ئۆزىگە خاس سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمەت مەزمۇنىنى تۈزىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گو ۋېيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2018-يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش لايىھەسىدە، 15 ياشتىن يۇقىرى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئۈچۈن كۆكرەك X نۇرى تەكشۈرۈشى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى، شۇ جايدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار ئۆپكە تۇبېركۇليۇزقا گىرىپتار بولۇش گۇمانى بار بىمارلارغا دىئاگنوز قويۇپ، شۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن بىمارلارنى پۈتۈن باسقۇچلۇق قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

  بۇ يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ئاھالىلەرنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرىگە بولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە دىئابىت، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بىمارلىرى ياكى كېسەللىك گۇماندارلىرى تاماقتىن ئىككى سائەتتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى ئۆلچەش، قان بېسىمىنى قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر بويىچە تەكشۈرۈلۈپ، ساغلاملىق كۆرسەتمىسى بېرىلىدۇ ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر