باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆرۈكلەر پىشىپ، بازارغا سېلىندى

2018.05.14 16:05   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆرۈكلەر پىشىپ، بازارغا سېلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قېتىملىق چوڭ بوراندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئىللىدى، ئۆرۈكلەرمۇ پىشىش مەزگىلىگە كىردى ۋە بارا-بارا بازارغا سېلىندى.

  توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى تېتىر كەنتىدىكى دېھقان جوۋ جېنفېڭنىڭ بېغىدا، قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك ئۆرۈكلەر شاخ-شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، ئۆرۈكلۈك باغدىن بىر خىل خۇشپۇراق ئۆرۈك ھىدى كېلەتتى، جوۋ فېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پىشقان ئۆرۈكلەرنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  جوۋ جېنفېڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇرۇن ئەسلىدە كېۋەز تېرىيتىم، پاختا يىغىش مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزاق، كىرىدىغان كىرىممۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى. كېيىنچە ناھىيەدە بارغانچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆرۈكلۈك باغ قىلىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۆرۈك كۆچىتى قويدۇم، بېشىدىكى بىر قانچە يىلدا، ئۆرۈكنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ يۇقىرى بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى بىرلا مەزگىلدە پىشقاچقا، سېتىلىش باھاسىمۇ يۇقىرى بولمىدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، مەن توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىدا بەزى كىشىلەرنىڭ «فېڭ يۈەن خۇڭ» سورتىدىكى ئۆرۈك كۆچىتىنى قويغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ خىل ئۆرۈك ئەتلىك، تالاسى نورمال، سۇلۇق بولۇپ، بالدۇر پىشىدىغان ئۆرۈك سورتى ئىكەن. بۇ سورتتىكى ئۆرۈك شۇ جايدىكى باشقا ئۆرۈكلەرگە قارىغاندا، يەنە بىر ھەپتىدىن ئارتۇقراق ئىلگىرى پىشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خىل ئۆرۈك نوتىسىنى ئۆزۈمنىڭ ئۆرۈكلىرىگە ئۇلاپ يېتىشتۈردۈم. بۇلتۇردىن باشلاپ ئۆرۈكتىن مول ھوسۇل ئالدىم. ھەر مو ئۆرۈكلۈكتىن 2000 يۈەن ئۆپچۈرىسىدە كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلاۋاتىمەن، كېلەر يىلى مېۋىلەش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر موسىدىن كىرىدىغان كىرىم 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…
    ·سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مە…
    ·گوۋۇيۈەن پىكىر بېسىپ تارقىتىپ ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەش…
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…