باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسەت يەشمىسى: قانداق قىلغاندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار خالىغانچە ئۇچمايدىغان بولىدۇ

ئۆز نامىدا تىزىملاشنى جەزمەن كونكرېتلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇدىغان قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2018.05.14 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «ئۇچقۇچىسىز ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام»غا پىكىر ئېلىش نۇسخىسى دېيىلىدۇ)نى تۈزدى ۋە ئاشكارا پىكىر ئالدى.

  سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن دەلىللىتىشى جەھەتتە، بۇلتۇر 6-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە: «ئېلىمىز چېگراسى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇش ئېغىرلىقى 250 گىرام ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىگىدارلىرى چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىشى كېرەك، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناشقا مۇۋاپىقلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەھكىمىسى تىزىملاش سىستېمىسىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن» دەپ بېكىتىلگەن. لېكىن سېتىش كارخانىلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا مەلۇم قىلىش-قىلماسلىقى ۋە ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشى قاتارلىقلارغا تەلەپ قويۇلمىغان.

  «نىزام»غا پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىغا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مىكرو تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن باشقا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ساتىدىغان ئورۇن، شەخسلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى ۋە سېتىۋالغۇچى ئورۇن، شەخسلەرنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ خاتىرىلەپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا قەرەللىك ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. مىكرو تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن باشقا پۇقرالار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى سېتىۋالغان ئورۇن، شەخسلەر ھەقىقىي ئىسمىنى دەلىللىتىش ئارقىلىق، ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشىگە ياخشى ماسلىشىشى كېرەك.

  ساھە ئىچىدىكى زاتلار مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇچۇش ئىلتىماسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا يازمىچە دوكلات سۇنىلىدۇ، شۇنداقلا مەزمۇنى بىر قەدەر مۇرەككەپ. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى ئىلتىماس قىلىشتا خەلق ئاۋىياتسىيەسى رايون باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ياكى باھالىشىدىن ئۆتۈشى، شۇنداقلا ئۇلار خۇلاسە پىكرى بېرىشى كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، شېنجېن 2017-يىلى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا قىسمەن بوشلۇقنى ئېچىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللارنى تور سۇپىسى بىلەن باشقۇردى.

  بۇ قېتىملىق «نىزام»غا پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدىمۇ دۆلەت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، مىكرو تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ چەكلەنگەن ئۇچۇش بوشلۇقىدىن باشقا بوشلۇقتا ئۇچقاندا، ئۇچۇش پىلانىنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ ھاجەتسىزلىكى؛ يېنىك تىپلىق، ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسرىغۇچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار مۇناسىپ ئۇچۇشقا مۇۋاپىق بوشلۇقتا ئۇچقاندا، ئۇچۇش پىلانىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھاجەتسىزلىكى، لېكىن ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىغا ھەرىكەتلىك ئۇچۇرىنى رېئال ۋاقىتلىق مەلۇم قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ساھە ئىچىدىكى نۇرغۇن زاتلار بۇ بەلگىلىمىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلسا، «قارا ئايروپىلان» ھادىسىسىنىڭ دائىم يۈز بېرىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى.

  «نىزام»غا پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنىڭ 6-بابىدا جازا سوممىسى، تەدبىرى، مەسئۇل ئورۇن قاتارلىق قانۇنىي جاۋابكارلىققا ئائىت نىزاملار ئېنىق كۆرسىتىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر