باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىۋېلىشنى قاتتىق تەكشۈرۈش ھەققىدە ھۆججەت ئېلان قىلدى

2018.05.14 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە يېقىندا «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىۋېلىشنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىپ ئۆي ئىجارىسى تۆلەشنى ئالدىن قوللاش، ئېلىش نورمىسىنى شۇ جاينىڭ ئۆي ئىجارە سەۋىيەسىگە قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە ۋاقتىدا تەڭشەش؛ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىپ پۇل تاپشۇرغان جاي ياكى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدا تۇنجى يۈرۈش ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆي ۋە 2-يۈرۈش ياخشىراق ئولتۇراق ئۆي سېتىۋېلىشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىپ ئۆي زېمىن ھايانكەشلىكى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا ئاۋۋال شەخسىي ئىسچوت ئېچىپ پېچەتلەشنى تەلەپ قىلدى. ئىسچوتى پېچەتلەنگەن مەزگىلدە باشقا جايدا ئىسچوت ئېچىپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرسا ۋە مۇقىم يېرىم يىلدىن ئارتۇق تاپشۇرسا، باشقا جايغا يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ. باشقا جايدا داۋاملىق تاپشۇرمىغانلار پېچەتلەش ۋاقتى توشۇپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئېلىۋالسا بولىدۇ. جايلار يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە 2018-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆز يېرىنىڭ سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەڭشەش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك.

  تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تاپشۇرغان ئورۇندا ئىجارە ئېلىش ياكى ئۆزى تۇرىدىغان ئولتۇراق ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆزى تۇرىدىغان ئولتۇراق ئۆي قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش، دەم ئېلىش، پېنسىيەگە چىقىش قاتارلىقلار تۈپەيلى تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا قارىتا، تەستىق تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش كەسپىدىن توردا مەسلىھەت سوراشنى قانات يايدۇرۇپ، توردا تەستىقلاش ۋە كەسىپ بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، تەستىقلاش مۇددىتىنى قىسقارتىش كېرەك. ئوخشاش بىر كىشى تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ ئۆي سېتىۋېلىش، كۆپ ئادەم ئوخشاش بىر يۈرۈش ئۆينى كۆپ قېتىم ئېلىپ سېتىش، باشقا جايدا ئۆي سېتىۋېلىش بولۇپمۇ نوپۇسى شۇ جايدا ئەمەس، شۇ جايدا تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرمىغان جايدا ئۆي سېتىۋالغان، جورىسى ئەمەس ياكى بىۋاسىتە تۇغقىنى ئەمەسلەر بىلەن ئورتاق ئۆي سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئېلىش ئىلتىماسىغا قارىتا، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ ئىستېمال ھەرىكىتى ۋە ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ چىنلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك.

  بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىۋالغان ھەق تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۇلارنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق خاتىرىسىنى خاتىرىلىشى ۋە شەخسىي ئىسچوتىغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشى؛ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىۋالغانلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تولۇق قايتۇرۇشقا بۇيرۇپ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۇنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ۋە قەرز ئېلىشىنى چەكلىشى كېرەك. بەلگىلەنگەن مۇددەت توشۇپمۇ قايتۇرمىغانلارنى ۋەدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە ئەمەل قىلمىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ۋەدىسىدە تۇرماسلىق ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىپ، بىرلىشىپ جازالاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر