باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئادەم تالىشىش جېڭى»نىڭ تۇنجى مەيدانىدا نۇرغۇن جايلارنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن ئاشتى

2018.05.14 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نوپۇس بېرىش»تىن «تولۇقلىما بېرىش»، «ھەقسىز تۇرۇش»قىچە... ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ «ئادەم تالىشىش جېڭى»نىڭ دەرىجىسى داۋاملىق ئۆستى. بۇ يىل 1-پەسىللىك سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نوپۇسنىڭ كۆچۈشى تەسىرىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قانداق قىلىپ «ئادەم تالىشىش»تىن ئادەمنى ئېلىپ قېلىش مەسىلىسى پەيدا بولغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ۋاقتىنچە «ئادەم تالىشىش» قىيىن ئەمەس، شەھەرلەر ئادەمنى ئۇزاق ۋاقىت تۇتۇپ قالىمەن دەيدىكەن كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، شەھەر جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، شەھەرنى ئاھالىلەر خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  نۇرغۇن جايلارنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپەيدى

  نۇرغۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە 2-، 3-قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ «ئادەم تالىشىش جېڭى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجىندىن باشقا جايلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئويلاشتى. تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇردىن بۇيان، ئاز دېگەندە 20 شەھەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا ئائىت سىياسەتلەرنى چىقارغان، نوپۇس، تۇرالغۇ، تولۇقلىما قاتارلىقلار ئېتىبار بېرىش تۈرىگە ئايلانغان.

  سىياسەت «كۈچلۈك دولقۇنى»نىڭ تۈرتكىسى، بولۇپمۇ مىسلىسىز نوپۇسقا ئالدۇرۇش يېڭى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن جايلارنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن كۆپەيدى.

  بۇ يىل 1-پەسىلدە شىئەنگە باشقا شەھەردىن كۆچۈپ كىرگەن نوپۇس 244 مىڭ 900 كىشىگە يېتىپ، نوپۇسنىڭ مېخانىك ئېشىشى 2017-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 11.5 ھەسسىسىگە، 2017-يىلى پۈتۈن يىلنىڭ 1.2 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. باشقىچە ئېيتقاندا، شىئەنگە ئۈچ ئايدا كۆچۈپ كىرگەن نوپۇس بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بويىچە ۋە ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش نىسبىتى يېڭى نوپۇسقا ئالدۇرغان ئومۇمىي ساننىڭ %54نىڭ ئىگىلىگەن.

  2017-يىلى، ۋۇخەندە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن ئىستۇدېنتلار 301 مىڭغا يېتىپ ئۆتكەن يىلدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە؛ يېڭىدىن نوپۇسقا ئالدۇرغانلار 142 مىڭغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ۋۇخەندە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى سوۋۇمىغان، 100 مىڭغا يېتىپ، 39 مىڭى داشۆ پۈتتۈرۈپ نوپۇسىنى ئالدۇرغان. 2017-يىلى 8-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، چاڭشا مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 32 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتنى «نۆل ئۆلچەم» بويىچە نوپۇسقا ئالغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر