خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۇخوي- 35 ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن بومباردىمانچى- K6 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئەترىتى سەپ تۈزۈپ ئۇچماقتا.
5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا «جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ئىزناسى»نى تارقىتىپ، قىرغۇچى- 20، سۇخوي- 35، بومباردىمانچى- K6 بەلگىلىك قاتارلىق كۆپ تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى يېڭى ئۇچۇش ئىزنالىرىنى نامايان قىلىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «ئاسمان- يەر بىر گەۋدىلەشكەن، ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئە بىرلەشتۈرۈلگەن» ئىستراتېگىيەلىك نىشان بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش ئاستىدا سىستېمىلار بويىچە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېڭىدىن ئۆستۈرۈلۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى