باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈردى

2018.05.14 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013- يىلى پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فونكسىيەسىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2017- يىلى 12- ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى توغرىسىدىمۇ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ ئىسلاھات تەدبىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەركەزنىڭ بىرتۇتاش مەركەزلىك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىگە ئالاقىدار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بۇ يىل دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك جايلارمۇ بۇ يىل دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، 2019- يىلى شارائىتى بار ناھىيە دەرىجىلىك جايلارغا كېڭەيتىلىدۇ، 2020- يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جايلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلايدۇ.

  2018-يىلى 7-، 8- ماي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مالىيە –ئىقتىساد كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوت خىزمىتى كومىتېتى، مالىيە- ئىقتىساد مىنىستىرلىقى خېبېيدىكى شىجاجۇاڭدا ھۆكۈمەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ھازىر قىسمەن جايلار ئالدىن يولغا قويۇپ سىناق قىلىپ، پائال ئىزدىنىپ، قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى تەجرىبىلەرگە ئېرىشىپ، دۆلەت مۈلكىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش تۈزۈمىگە پۇختا ئاساس سالدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر