باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق تېببىي مائارىپ خىزمىتى باشلىنىدۇ

 دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلار نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىلىدۇ

2018.05.14 16:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق تېببىي مائارىپ خىزمىتىنى باشلاپ، شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئەمەلىي داۋالاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ئەسقاتىدىغان بىر تۈركۈم تېببىي كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مۇناسىپ كەسىپ – تېخنىكا ماھارىتىنى ھازىرلىغان ئەسقاتىدىغان 1500 تېببىي ئىختىساسلىق خادىم تەربىيەلەپ بېرىلىدىكەن، نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغانلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا يۈزلەندۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى نۇقتىلىق ھالدا نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەرگە مايىللاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەن – تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ پېيلەن مۇنداق دېدى: ھەر يىلى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونوم رايون مالىيەسى نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدىكى ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى، تەربىيەلەش ھەققى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىدۇ، بىر ئوقۇغۇچىغا بىر يىلدا جەمئىي 7588 يۈەن سەرپ قىلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نىشانلىق تەربىيەلەش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرى ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ناھىيە (شەھەر)، يېزا (بازار) ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان، ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن، شۇنداقلا شۇ يىلى مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇشى كېرەك ئىكەن. نىشانلىق تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇيدىكەن. ‹‹3 ۋە 2›› قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش بويىچە، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تەربىيەلەش بازىسىدا ئىككى يىل ئۇنىۋېرسال ياردەمچى دوختۇرلارنى تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىكەن.

  2009 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان مەخسۇس كۇرس قاتلىمىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تېببىي مائارىپ خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىغا زور بىر تۈركۈم ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلار تولۇقلىنىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى سەھىيە قوشۇنىنىڭ ئوقۇش تارىخى قاتلىمى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلگەن، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدىكى ھەممە ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى قاپلىغان.

  شۈ پېيلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى قېتىملىق خىزمەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغان نىشانلىق تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، قوبۇل قىلىش دائىرىسى، تەڭشەش دائىرىسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسى كەڭ، نىشانلىق تەربىيەلەش دائىرىسى ناھىيەلەردىن ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىلدى، نوپۇسى ئوخشاش بىر ۋىلايەت، ئوبلاست تەۋەلىكىدە بولسىلا تىزىملىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەقسىماتى جەھەتتە تەڭشەشكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر