5-ئاينىڭ 14-كۈنى، غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى غەززە بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرالىنىدىغان رايوندا، پەلەستىنلىك نامايىشچىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى توقۇنۇشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىنلىك ئامما 14-ماي پەلەستىننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نامايىش قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ شۇ كۈنى يېرۇسالىمدا رەسمىي ئېچىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. نامايىشچىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى توقۇنۇشۇپ، ئاز دېگەندە 55 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 2800دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
نەچچە ئون مىڭ پەلەستىنلىك 14- ماي غەززە بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرالىنىدىغان رايوندا ئېتىراز بىلدۈرۈپ كۈچ كۆرسەتتى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشتى. مۇخبىر شۇ كۈنى توقۇنۇش نەق مەيدانىدا، بىر قىسىم نامايىشچىلارنىڭ بالون كۆيدۈرگەنلىكىنى، مەيداندا قويۇق ئىس كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. نامايىشچىلار يەنە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تاش ئاتتى. چېگرانى ساقلاۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى ھەمدە راست ئوق چىقاردى.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى غەززە رايونىنىڭ مەسئۇلى يۈسۈف ئەبۇ رىش شۇ كۈنى كەچتە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: شۇ كۈنى غەززەدىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 55 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، تەخمىنەن 2770 ئادەم يارىلاندى. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن يەتتىسى ۋە بىر نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمى بار، يارىلانغانلار ئىچىدە 1200 دىن ئارتۇق كىشى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ راست ئوقىدا يارىلاندى، دېدى.
ئەبۇ رىش: ھازىرغىچە، پەلەستىن- ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ 30-مارتتىن بۇيانقى غەززە چېگراسىدىكى توقۇنۇشىدا 104 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى