باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى «بىر بەلباغ، بىر يول» دۇنيا ۋە رايونلار ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى

2018.05.15 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي 74 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 14 - چېسلا تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتا ئېچىلدى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئەختەر ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى تەبرىك سۆزىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ دۇنيا ۋە رايونلار ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى.

  ئەختەر مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنياۋىلىشىشقا قارشى ئېقىم ئەۋج ئېلىپ، سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپەيتتى، بۇ يۈزلىنىش ناۋادا داۋاملىق تەرەققىي قىلسا، يەر شارىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەللىرىگە ئېغىر زەربە بولىدۇ.

  ئەختەر مۇنداق قارىدى: رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، رايونلار ئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، تورنىڭ چەكسىز تۇتاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر