باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېچىۋېتىلگەن چىڭداۋ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساداسى»نى كۈتمەكتە

2018.05.15 16:08   مەنبە: خەلق تورى

ئېچىۋېتىلگەن چىڭداۋ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساداسى»نى كۈتمەكتە

  سۈرەتتە: خەيئېر مەدەنىيەت سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان «چىڭداۋ توڭلاتقۇ باش زاۋۇتى»نىڭ زاۋۇت ماركىسى (11-ماي تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  قىزىل تام، يېشىل دەرەخ، كۆكۈچ دېڭىز، كۆك ئاسمان، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ھەمكارلىققا سىمۋول قىلىنغان چىڭداۋ ئاسما كۆۋرۈكى بىلەككە ئوخشاش بىپايان دېڭىز– ئوكيان تەرەپكە سوزۇلغان.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18- قېتىملىق يىغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چىڭداۋ دۇنيانىڭ نەزىرى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ 40 يىللىق «ئېچىۋېتىلگەن يىللىرى»نى نامايان قىلماقتا.

  چىڭداۋ جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئېچىۋېتىلگەن 14 شەھىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە تايىنىپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ «چىڭداۋ ئۇسلۇبى»نى بەرپا قىلىشتىن، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق «خەلقئارالىشىش +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقىچە، شىمالدىكى بۇ مۇھىم پورت شەھىرى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى ھەمدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.

  بىر ئاي ئىلگىرى، ئېچىۋېتىش باھار دولقۇنى بوئاۋدا مەۋج ئۇرغان ئىدى. باش يازدىكى 6-ئايدا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساداسى» چىڭداۋدا ياڭرىغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…
    ·سانجى ئوبلاستىدا خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مە…
    ·گوۋۇيۈەن پىكىر بېسىپ تارقىتىپ ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇل ئەلاسى»، «ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى»نى تەش…
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يېزا-بازارلاردىكى كىچىك مەكتەپ ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…