خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 14- ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسىمىي زىيارەتكە كەلگەن تىرىنىداد ۋە توباگو زۇڭلىسى رالى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تىرىنىداد ۋە توباگو كارىب رايونىدىكى ئەڭ بالدۇر جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2013- يىلى رەئىس شى جىنپىڭ تىرىنىداد ۋە توباگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو بىلەن تىرىنىداد ۋە توباگو «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش»تەك ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىرىنىداد ۋە توباگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، تىرىنىداد ۋە توباگو بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تىرىنىداد ۋە توباگو جۇڭگونىڭ ئېنگلىز تىلى قوللىنىدىغان كارىب رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىىشىش ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى تىرىنىداد ۋە توباگونىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئۆز كارخانىلىرىنى بازار پىرىنسىپى، سودا قائىدىسى بويىچە تىرىنىداد ۋە توباگوغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، تىرىنىداد ۋە توباگونى داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، تىرىنىداد ۋە توباگونىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋىزا قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ بېرىش- كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى