باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېڭجۇدا بەش كىشى «ئايروخانقىزنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دىلوسى» نەقمەيدان سۈرىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقانلىقتىن، جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى

2018.05.14 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، «ئايروخانقىزنىڭ دى دى ماشىنىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراش دىلوسى» نەقمەيدان سۈرىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقانلىقتىن، خاۋ فامىلىلىك قاتارلىق بەش كىشى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان.

  يېقىندا، جېڭجۇ شەھەرلىك ساقچى تەرەپ «ئايروخانقىزنىڭ دى دى ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دىلوسى»نى پاش قىلىش جەريانىدا، دېلو نەق مەيدانىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەسىتى سۈرەتلىرىنىڭ توردا تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جېڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاپشاركا كۆندۈرگۈچى تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچى ئىشلىرى ياردەمچى خادىمى خاۋ فامىلىلىك مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىغا ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئالغان دېلو نەق مەيدان سۈرىتىنى ئۆز مەيلىچە دوستى ليۇ فامىلىلىك، جاڭ فامىلىلىك، جاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلارغا تارقاتقان، ئۇنىڭ دوستلىرى يەنە رەسىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار توپىدا تارقىتىپ، دېلوغا چېتىشلىق رەسىملەرنىڭ توردا كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان. 12-ماي چۈشتىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ساقچى تەرەپ خاۋ فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىك، جاڭ فامىلىلىك قاتارلىق تۆت كىشىگە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللاندى.

  ساقچى تەرەپنىڭ يەنە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 8-ماي چۈشتىن بۇرۇن، جېڭجۇ شەھىرى خۇيجى رايونىدىن شياۋ فامىلىلىك دېلو يۈز بەرگەن جايغا يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يان تېلېفوندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەسىتىنى سۈرەتكە تارتقان ھەمدە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان قىلىپ، بۇ سۈرەتنىڭ توردا كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا زور زىيان ئېلىپ كېلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان. 5- ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، جەسەتنى ھاقارەتلەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ساقچى تەرەپ قانۇن بويىچە شياۋ فامىلىلىكنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  نۆۋەتتە، يۇقىرىقى دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر