باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن چەك كاپالىتى»گە ئېرىشتى

2018.05.15 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تورى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، يەنى گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئاساسىي شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشنىڭ 2017- يىللىق خىزمىتى مەخسۇس مۇپەتتىشلىك دوكلاتى» (تۆۋەندە «دوكلات» دېيلىدۇ)دا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى مەملىكەت بويىچە 832 نامرات ناھىيەدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 103 مىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن چەك تەلىپى»گە يەتكەن بولۇپ، بۇ نىسبەت مەمۇرىي رايوندىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %94.7ىنى ئىگىلىگەن. بۇ، نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش تۈرىدىكى «ئاساسىي ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش» ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشىغا ئاز قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «دوكلات»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر نۇرغۇن نامرات ناھىيە ۋە كەنتلەردىكى مەكتەپلەر «كىچىك ھەم گۈزەل»، «كىچىك ھەم ئەلا» قىلىپ قۇرۇلدى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئۆيى ئالدىدىلا سۈپەتلىك ۋە ئادىل بولغان مائارىپنى قوبۇل قىلالايدىغان بولدى. قالغان %5 ئەتراپىدىكى تېخى تۆۋەن چەك تەلىپىگە يەتمىگەن مەكتەپلەر بولسا، ئۇلار ئاساسلىقى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە چەت رايونلار، ھەمدە يىراق رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇلارنىمۇ 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆۋەن چەك تەلىپىگە يەتكۈزۈشكە بولىدۇ.

  مەركەز مالىيەسى 2017- يىلى 3 مىليارد 850 مىليون يۈەن مۇكاپات ۋە تولۇقلىما پۇلى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن %29 ئارتۇق بولغان. بۇنىڭ بىلەن، بىر تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلاردىكى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ھەممە جايلارنى تولۇق قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. مەملىكەت بويىچە 77 مىڭ ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى تەكلىپ بىلەن ئىشقا قويۇلغان بولۇپ، بۇنداقلار يېزا-كەنتلەردىكى 33 مىڭ مەكتەپنى قاپلىدى. بۇنىڭ بىلەن، نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىنىپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  پۈتۈن مەملىكەتتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش» خىزمىتىدىن ئۇنىۋېرسال رازى بولۇش نىسبىتى %88 بولدى، 11 ئۆلكىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. بۇنىڭدىن سىرت، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشى جەھەتتە، ھازىر مەملىكەت بويىچە %81 ناھىيە (رايون، شەھەر) دۆلەتلىك باھالاشتىن، يەنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولغان ناھىيەلەرنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى.

  «دوكلات»تا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر مەجبۇرىيەت مائارىپىدا بىر سىنىپتا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك بولماقتا. 2017- يىلى مەملىكەت بويىچە ئوندىن بىر ئۈلۈش نىسبەتتىكى سىنىپلاردا يەنىلا بىر سىنىپتا 56دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنداقلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى ناھىيە ۋە بازارلارغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇنەن ئۆلكىسىدە بىر سىنىپتا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش نىسبىتى %22.9 بولغان، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە خەينەن شەھىرىدە بولسا، بۇ نىسبەت %18كە يەتكەن.

  مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر يېزا-بازارلارغا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەركىزىي بازار ۋە ناھىيە بازىرىغا مەركەزلەشتى، مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇش ئېھتىياجى يىلدىن-يىلغا ئاشماقتا. شۇنداقتىمۇ، يېزىلاردىكى بىر قىسىم ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئاددىي، ئاشخانىسىدا ئورۇن يېتەرلىك ئەمەس، يۇيۇنۇش ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاجەت قىلىش شارائىتى بىرقەدەر ناچار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشى بىرقەدەر ئاددىي بولۇپ، بۇ ھالەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز.

  ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىدا «يېتەرسىزلىك»لەر يەنىلا مەۋجۇت. مەملىكەت بويىچە يەنە 18 مىڭ 351 مەكتەپ «تۆۋەن چەك تەلىپى»گە يەتمىدى. قىسمەن ئۆلكىلەردە ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ «تۆۋەن چەك تەلىپى»گە يېتىش نىسبىتى ئارانلا %58 بولدى. يېزىلاردىكى قىسمەن مەكتەپلەر تېخى سەپلەنگەن ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشقا سەل قارىغان، يېڭىدىن تولۇقلانغان ئەسلىھەلەرنىڭ ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولماقتا، سېتىۋېلىنغان كىتابلار كونا، مەزمۇنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر