باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەن داۋالاش تايانچىلىرىدىن 60 كىشى بېيجىڭگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلدى

2018.05.15 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىش نىشانى قىلىنغان ناھىيە (شەھەر)لەردە يېزا-بازارلاردىكى شىپاخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى 60 نەپەر ئاساسىي قاتلام داۋالاش تايانچىلىرىنى بېيجىڭغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى گاۋ شىياۋجۈن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىكى كۇرسانتلار ئىچىدە يېزا–بازار شىپاخانا باشلىقلىرىدىن 52 نەپەر كىشى، سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىملىرىدىن سەككىز نەپەر كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىپ بىلىم ئاشۇرۇش مەزمۇنى بولسا، سەھىيە سىياسىتى، ئاساسىي قاتلام سەھىيە دوختۇرخانىسىنى باشقۇرۇش، ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە خىزمەت قائىدىسى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ رۇڭجيې مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ ياردىمى ۋە تۈر ياردىمى ئاستىدا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش-سەھىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. لېكىن شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنىلا ئاجىز، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى يەنىلا تۆۋەن بولماقتا. بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيە ۋە كۆپ مەنبەلىك ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر