باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھەق ماجراسى دېلولىرىنى مۇۋاپىق قاراپ چىقىش كېرەك

2018.05.15 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى ماجراسىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى توغرا قاراپ چىقىپ، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىشنى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، سۈپەت، ئۇسلۇب، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنى بولۇپمۇ بارلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئاڭلىق ھالدا «چاكىنىلىق، قوپاللىق، پەسكەشلىك»نى چەكلەپ، تارىخ ئىنكارچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ناچار تارقىتىش قىلمىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى كۆرسىتىلدى: قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش ھەق ماجراسى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتى ماجراسى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق، ياخشى قاراپ چىقىش كېرەك. ھوقۇققا چېقىلغانلىقىنى بېكىتىش، ھەق ھېسابلاش ۋە ھەرىكىتىنى توختىشىشقا ھۆكۈم قىلغاندا، تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەر ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ئەدلىيەلىك قوغداشتىكى مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى، جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەق ماجراسى دېلوسىدا، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئورۇنداش ياكى كۆرسىتىشنى توختىتىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھەققىنى بېكىتكەندە، باشقا تاۋارلاشقان ئەسەرلەرنىڭ ئاساسلىقى بازار ئارقىلىق سودىلىشىش باھاسى ۋە ھەقنى ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن پەرقلەندۈرۈپ، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرنىڭ تۈرى، ئەمەلىي ئورۇنداش ياكى كۆرسىتىش ئەھۋالى، شۇنداقلا ئورۇندالغان ئەسەرنىڭ قىزىل كىلاسسىك ئەسەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىش بىلەن بىللە، قىزىل كىلاسسىك ئەسەر ئىجاد قىلىنغان چاغدىكى ئالاھىدە دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنىمۇ تولۇق نەزەردە تۇتۇپ، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا پايدىلىق بولۇشنى چىقىش قىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ھەق سوممىسىنى بېكىتىش، ئاددىي ھالدىلا پۇل ھېسابلاپ بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر