باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋېيفاڭ لوڭقىسى خەلقئارا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسى كېڭەيتىلدى

2018.05.15 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق ۋېيفاڭ لوڭقىسى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، U19 (19ياشتىن تۆۋەن) ياش باسقۇچىدىكى كوماندىلار مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئەسلىدىكى سەككىزدىن 12گە كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت سىرتىدىن سەككىز، دۆلەت ئىچىدىن تۆت كوماندا قاتنىشىدۇ.

  مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى بۇ تۆت كوماندا ئايرىم-ئايرىم مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ جۇڭگو پۇتبول بىرلەشمىسى U19 ياشلىقلار كوماندىسى، ساھىبخان شەندۇڭنىڭ لۇنىڭ كوماندىسى ۋە داليەن يىفاڭ كوماندىسى، شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن ئىبارەت. دۆلەت سىرتىدىن كېلىپ قاتنىشىدىغان سەككىز كوماندا بولسا ئارگېنتىنا بوكا ياشلار كۇلۇبى ياشلار كوماندىسى، ئارگېنتىنا دەريا قىنى كۇلۇبى ياشلار كوماندىسى، بىرازىلىيە تەنتەربىيە كوماندىسى، پورتۇگالىيە بېنفىيكا كوماندىسى، ئىسپانىيە خان جەمەتى ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسى، ئاۋىسترالىيە نېۋكاستېل راكىتا كوماندىسى، رۇسىيە موسكۋا سپارتاك كوماندىسى ۋە مېكسىكا سانتوس كوماندىسىدىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر