باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بەش يىل ئىچىدە يېمەكلىككە ئەكسى تىپلىق ماي قوشۇشنى مەنئى قىلىشقا مۇراجەت قىلدى

2018.05.15 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بەش يىل ئىچىدە يېمەكلىككە ئەكسى تىپلىق ماي قوشۇشتىن قۇتۇلۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇراجەت قىلدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كېلىشكە مۇراجەت قىلغان.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوزۇقلۇق بىلەن سالامەتلىك ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فىرانسىسكو بلانكانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئەكسى تىپلىق ماي بىر خىل زىيانلىق بىرىكمە بولۇپ، ھېچقانچە تەننەرخ سەرىپ قىلمايلا ناھايىتى ئاسانلا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ ھەمدە يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ»، دېدى.

  بىر قىسىم ئەكسى تىپلىق ماي تەبىئىي مەۋجۇت بولغاندىن باشقا، ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك مېيىنى ھىدروگېنلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، مەسىلەن سۈنئىي قايماق ۋە سېرىق ماي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ ھەمدە تەمىنى ياخشىلايدۇ، ئادەتتە ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى، تاتلىق تۈرۈم قاتارلىق قاقلاپ قۇرۇتۇلغان ۋە مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەكسى تىپلىق ماي كۆپ مىقداردا سۈمۈرۈلگەندە، قان تەركىبىدىكى خولېستېرول سەۋىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى خەۋپ-خەتىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر كۈنى قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئىچىدە ئەكسى تىپلىق مايدىن كەلگەن ئىسسىقلىقنىڭ %1تىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  دانىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا 40تىن ئارتۇق يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر 2003- يىلىدىن باشلاپ سىياسەت تۈزۈپ، يېمەكلىككە ئەكسى تىپلىق ماي قوشۇشنى توختىتىش نىشانىغا قاراپ تىرىشتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ نەچچە ئەمەلدارى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە كەلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۇنيا بويىچە بەش يىل ئىچىدە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار، دەپ قارىدى.

  فىرانسىسكو بلانكا: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھازىرقى باسقۇچتا ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئەكسى تىپلىق مايغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر