بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە بىر يىل بولغان خاتىرە كۈن.
2017-يىلى 5-ئايدا، مۇنبەرنىڭ بېيجىڭدا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قۇرۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ھالەتتىن ئەمەلىي ھەرىكەتكە، پىلاندىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈزلۈكسىز چەت ئەللەرگە چىقىپ، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىپ، زور بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سېلىنىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ياكى ئۈستىگە ئېلىپ سالدى. كېنىيە مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى، گىرىتسىيە پېيرايېۋس پورتى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ئىككى چوڭ تاشيولى... بۇ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا ياكى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى.
بۇ، 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتىلغان مالدىۋېدىكى جۇڭگو-مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى. جۇڭگو-مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىدا 2016-يىلىنىڭ بېشىدا رەسمىي ئىش باشلانغان، بۇ، جۇڭگو ۋە مالدىۋېنىڭ بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇشىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق تۈرى. مالدىۋېنىڭ تارىختىن بۇيانقى تۇنجى چوڭ كۆۋرۈكى، شۇنداقلا ھىندى ئوكياندىكى تۇنجى دېڭىز ھالقىغان كۆۋرۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-مالدىۋې دوستلۇق كۆۋرۈكى مالدىۋې پايتەختى مالې بىلەن ئايرودۇرۇم ئارىلىنى تۇتاشتۇرىدۇ. كۆۋرۈك دېڭىز تىندۇرما كۆتۈرمە تۈۋرۈكى ۋە يول قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن، ئىشلىتىلىش مۇددىتى 100 يىل.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى