خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى غەززە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ چېگراسىدا كىشىلەر توقۇنۇشتا يارىلانغان بىر پەلەستىنلىك نارازىلىق بىلدۈرگۈچىنى ئېلىپ ماڭماقتا. پەلەستىن ئاممىسى 14-ماي باغدى رايونىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى يېرۇسالىمغا يۆتكىگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى. غەززە بىلەن ئىسرائىلىيە چېگراسى رايونىدىكى توقۇنۇشتا، ئاز بولغاندىمۇ 37 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1700 دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى