باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار قائىدە-نىزام، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى

2018.05.15 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار قائىدە-نىزام، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دەپ ئېلىندى)نى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغدايدىغان قانۇنچىل مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار قائىدە-نىزام، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە يەرلىكتىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق تارماقلار تۈزگەن قائىدە-نىزام، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەر بۇ قېتىملىق ئېنىقلاش دائىرىسىدە بولۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقى، تاپاۋەت ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشقا خىلاپ بەلگىلىمىلەر، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى، كارخانىلار بىلەن پۇقرالارنىڭ كۆچمەس مۈلۈك سودىسى قاتارلىق ھەق تەلەپ سۇبيېكتلرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى چەكلەيدىغان نامۇۋاپىق بەلگىمىلەر، شۇنداقلا بازار ئىجازىتى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىدىن پايدىلىنىش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا قاتارلىق سىياسەت جەھەتتە ئوخشىمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك سۇبيېكتلارغا پەرقلىق، كەمسىتىپ مۇئامىلە قىلىدىغان بەلگىلىمىلەر نۇقتىلىق ئېنىقلىنىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېنىقلاش خىزمىتى بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىدۇ، «كىم تۈزگەن بولسا، شۇ ئېنىقلاش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى پىكرى»دە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپە ۋە ئالاقىدار بېقىندۇرغۇچى قانۇننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈش، بىكار قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قائىدە-نىزام، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى بىرمۇبىر مۇزاكىرە قىلىپ ئېنىقلاپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بىكار قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم-كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر