5-ئاينىڭ 15-كۈنى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى تەجرىبىخانىسىدا، جىن شيەنمىن پىروفېسسور ياساپ چىققان ئۆزەك كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئېلىمىز تەتقىقات خادىملىرى كەڭ كۆلەملىك فوتون ئۆزەكنى ياساپ چىقتى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر خىل مۇھىم بولغان تەقلىدىي كۋانت ھېسابلاش ئېلىپ باردى. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر سان «ئىلىم-پەن تەرەققىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جىن شيەنمىن ئەترىتى «ئۇچار سېكۇنتلۇق لازېرلىق بىۋاسىتە يېزىش» تېخنىكىسى ئارقىلىق، تۈگۈن سانى 49×49قا يېتىدىغان ئۆزەك ياساپ چىقتى. جىن شيەنمىن تونۇشتۇرۇپ، بۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك فوتونلۇق ھېسابلاش ئۆزىكى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى