- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ شياڭگاڭدىكى ئاكادېمىكلىرىدىن كەلگەن خەتكە مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە قىزغىن تەسىر قوزغىدى
ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇمىز
2018.05.15 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ شياڭگاڭدىكى ئاكادىمېكلىرىدىن كەلگەن خەتكە مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە تېزلىكتە قىزغىن تەسىر قوزغىدى. رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىشقا قاتناشقان شياڭگاڭلىق ئالىملار مۇنداق دېيىشتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، خەتتە ئىنكاس قىلىنغان دۆلەت پەن-تەتقىقات تۈر خىراجىتىنى چېگرا ھالقىپ شياڭگاڭدا ئىشلىتىش، پەن-تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرىگە چېگرىدىن كىرىش تاموژنا بېجىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل بولدى، بۇ دۆلەتنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى شياڭگاڭدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى دولقۇنىغا قوشۇلۇپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغايدۇ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شىياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكا كۈچى بىرىكسە، تېخىمۇ كۆپ ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
خەتنى «ئاسىيانىڭ ئېلېكتىروموبىل ئاتىسى» دەپ نام ئالغان، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چېن چىڭچۈەن باشلامچى بولۇپ يازغان. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شىياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائاليىتىدىكى تەسىراتىم بەك چوڭقۇر بولدى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» شىياڭگاڭدا دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان مۇۋاپپىقەتكە ئېرىشتى. بىراق، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شىياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى توسالغۇلار مەۋجۈد ئىدى. شۇڭا مەن شياڭگاڭدىكى 23 ئاكادېمىك بىلە بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شىياڭگاڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇشتىكى تەخىرسىر ئارزۇسى ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان پەن-تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدۇق. رەئىس شى جىنپىڭ تېزلا يوليورۇق بەردى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى تېزلىكتە ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ شىياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىكىدىلەرگە زور ئىلھام بولدى. بۇ يوليورۇق «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇردى.
چېن چىڭچۈەن مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىز دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنما دۆلىتى بولۇپ قالدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇۋاتىدۇ. شىياڭگاڭ ئىلگىرى ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشچان پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانىدى. ھازىر گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىدا دەل يېڭىلىق يارىتىشچان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، يەنە بىر تارىخىي پۇرسەت ئالدىمىزدا تۇرماقتا، «ھەممىمىز ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن بۇ چوڭ قاينامغا قوشۇلىشىمىز كېرەك».
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر