باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: دۆلەت ئىلكىدىكى يەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش تۆلىمىگە ئائىت ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئىمكانقەدەر تېز تۈزۈپ چىقىلىدۇ

ھۆكۈم چىقىرىش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تۆلەم بېرىش دائىرىسى، شەكلى ۋە ئۆلچىمى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ

2018.05.16 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى يۈ خۇڭ 9-ماي مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش تۆلىمىگە ئائىت ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى ئىمكانقەدەر تېز تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدىكى قىيىن، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ھۆكۈم چىقىرىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى، شەكلى ۋە ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆيى ئېلىنغان، ئېلىپ ئىشلىتىلگەنلەرنىڭ ئادىل، مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈشكە دائىر تىپىك دېلو مىساللىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. بۇ قېتىم تاللانغان سەككىز دېلو مىسالى ئىچىدە، سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي قىلمىشىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى قانۇنغا خىلاپ دەپ بېكىتكەن دېلو مىسالىدىن تۆتى، مەمۇرىي باشقۇرۇلغۇچىغا پۇل تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغىنىدىن بىرى بار.

  ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئىمكانقەدەر تېز تۈزۈپ چىقىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يۇڭۋېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 1-سوتتا ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش تۈرىدىكى دەۋادىن 29 مىڭنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ شۇ يىلدىكى مەمۇرىي دەۋا دېلولىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %13نى ئىگىلىگەن، 2016-يىلى 31 مىڭنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، %14نى، 2017-يىلى 39 مىڭنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، %17نى ئىگىلىگەن.

  خۇاڭ يۇڭۋېي مۇنداق دېدى: بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈشنىڭ يەنىلا ئىجتىمائىي زىددىيەت مەركەزلەشكەن، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق ساھە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈدۇ.

  ئۇقۇشۇمچە، يەر، ئۆي ئېلىش تۆلىمى تىپىك كۆپ سۇبيېكتلىق، كۆپ باسقۇچلۇق، كۆپ ھالقىلىق، كۆپ مەمۇرىي ھەرىكەت بىرلەشكەن مۇرەككەپ تەرتىپ بولۇپ، ئېلىش ئالدىنقى باسقۇچى، تەستىقلاشقا يوللاش باسقۇچى ۋە تەستىقلىغاندىن كېيىنكى يولغا قويۇش باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئېلىش قارارىنىڭ ئالدىنقى تەرتىپى ۋە ئېلىش تۆلىمى كېلىشىمىنى ئادا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى يۈ خۇڭ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش تۆلىمىگە ئائىت ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى ئىمكانقەدەر تېز تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدىكى قىيىن، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ھۆكۈم چىقىرىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى، شەكلى ۋە ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆيى ئېلىنغان، ئېلىپ ئىشلىتىلگەنلەرنىڭ ئادىل، مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر