باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلدى

2018.05.16 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە ھۆججەت چىقىرىپ، 2018-يىللىق «ئۈچ رايون» ئىختىساسلىقلار پىلانى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تۈرى خىزمىتىنىڭ ياردەم خىراجىتى خامچوتىنى ئېلان قىلدى، ئومۇمىي سوممىسى 345 مىليون 800 مىڭ يۈەن.

  ئۇقۇشۇمچە، 2018-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى ياردەم خىراجىتىنىڭ خامچوت مەخسۇس تۈرى مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا خىزمەت ياردەم پۇلى، قاتناش كاماندىروپكا خىراجىتى بېرىش ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسە سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئىككى تارماق «ئۈچ رايون»نىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇش بىلەن بىللە، 2018-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، تۇنجى قارارلىق ياشانغانلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، قىسمەن ئۆلكىلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۆھپە قوشۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، تېنى ساغلام پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»(شىزاڭ، تۆت ئۆلكە(چىڭخەي، سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ)نىڭ زاڭزۇلار رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لىياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى)، تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى ناھىيەلەر، دۆلەت يۆلەش-ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر، ئۆلكە دەرىجىلىك يۆلەش-ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر قاتارلىق نامرات رايونلار(بىڭتۈەننىڭ نامرات تۈەن-مەيدانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش لېكسىيەسى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللىشىشنى تەلەپ قىلغان. مەركەز مالىيەسى مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارغا ئالاقىدار ھۆججەت-بەلگىلىمىلەر بويىچە خىزمەت ياردەم پۇلى بېرىدىكەن.

  ئىككى تارماق جايلاردىن بەلگىلىمىگە ئاساسەن يەرلىك ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك خىزمەت ياردەم خىراجىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەر ۋە قوللاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش، يالغاندىن قوشۇش، مەبلەغنى ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى «مالىيە قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر