خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ماي چۈشتىن بۇرۇن ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي ئىلىم ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتىگە، ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم كۈچ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇرۇش مەيدانىغا، قىسىمغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىدارە قىلىش بىلەن پەن-تېخنىكىنى يۇغۇرۇش، تەتقىقات بىلەن قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ھەبىي ئىلىمنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەربىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتىنى تېرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى-جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات ئاپپاراتى بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشتى. بۇ قېتىمقى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلدى، شى جىنپىڭ بۇلتۇر 7-ئايدا قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلغان ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەم سۆز قىلدى.
سائەت توققۇزدىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىغا بېرىپ، ئالاقىدار پەن تەتقىقات قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ نۇرغۇن نەتىجىلەرنىڭ دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى، كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
شى جىنپىڭ ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئورگىنىغا باردى. شى جىنپىڭ پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئىشلەۋاتقان «ئىككى ئاكادېمىيە»نىڭ ئاكادېمىكلىرىنى ئالايىتەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، مەن سىلەرنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم، سىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجەنى يارىتىپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ ئالاقىدار تارماقلارغا ئىختىساسلىقلارنى تولۇق ھۆرمەتلەپ، ئىختىساسلىقلارغا كۆيۈنۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، توپلاش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماي، يۇقىرى ساپالىق ھەربىي پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنى تاپىلىدى.
قاتار-قاتار كۆرگەزمە تاختىلىرى، ئەمەلىي بۇيۇملار ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ بۇلارنى ناھايىتى ئەستايىدىل كۆردى، ئارىلاپ توختاپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سوراپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلەپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى