باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى توردا مال سېىتىۋېلىش بازارلىرى تېز تەرەققىي قىلدى

بىرىنچى پەسىلدە شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلار توردا 14 مىليارد 720 مىليون يۈەنلىك مال سېتىۋالدى

2018.05.16 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جۇ جىڭ 5- ئاينىڭ 10- كۈنى بىر تەرەپتىن تېز پوسۇلكىنى ئاچقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى توردا مال سېىتىۋېلىش دېتالىنى ئېچىپ، توردا بازار ئارىلايمەن، ياقتۇرغان نەرسىلەرنى توردىكى سېتىۋېلىش ھارۋىسىغا سېلىپ قويىمەن، بۇ ھازىر مېنىڭ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چوقۇم قىلىدىغان ئىشىمغا ئايلاندى، ئەگەر بىرەر كۈن توردا بازار ئارىلىمىسام كۆڭلۈم بىر قىسىملا بولۇپ قالىدۇ.

  جۇ جىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، دەسلەپتە ئۇ پەقەتلا سىناپ باقماقچى بولغان، ئەمما ھازىر توردا مال سېتىۋېلىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ئىشقا ئايلانغان. جۇ جىڭ يەنە مۇنداق دېدى: توردا مال سېتىۋېلىش شۇنداق قولاي، باھاسىمۇ ئەرزان، يەنە كېلىپ، ئالغان ماللارنى بىۋاسىتە ئۆيىڭىزگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ھازىر مەن ھەممە نەرسىلەرنى دېگۈدەك توردىن سېتىۋالىمەن.

  ئالاقە تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور ھازىر تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭىپ كىردى. توردا مال سېتىۋېلىش ھازىر بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەن مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلار توردا 14 مىليارد 720 مىليون يۈەنلىك مال سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.5 ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 73 مىليارد 386 مىليون يۈەنگە يەتكەن. سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتتىن، بىرىنچى پەسىلدە شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلارنىڭ توردا سېتىۋالغان مال سوممىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20.1 ىنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ سېتىش ئۇسۇلىنى، يەنى ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باشقىلارنىڭ كېلىپ سېتىۋېلىشىنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تورى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، شۇنداقلا ئەشيا ئوبوروتىنى تېز يەتكۈزۈش كەسپى دېگەندەكلەر شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر