باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەززە رايونىدا يۈز بەرگەن قان تۆكۈلۈش ۋەقەسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى

2018.05.16 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا 14-ماي ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىش ئارقىلىق، پەلەستىنلىك نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيە ھەربىيلىرى تەرىپىدىن راست ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە ياش ئاققۇزغۇچى گاز ئارقىلىق قوغلانغانلىقى، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغان شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنداق دېدى: تۈركىيەدە پەلەستىنلىك قازا قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ، تۈركىيە داۋاملىق پەلەستىن خەلقى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 14-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش قارارىنىڭ ھازىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى يېرۇسالىمغا يۆتكەلگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق، شۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىنلىكلەر «تىنچ نامايىش» قوزغىغان.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 6-كۈنى يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى يېرۇسالىمغا يۆتكەش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى يېرۇسالىمغا يۆتكىگەن كۈنى دەل ئىسرائىلىيەنىڭ «دۆلەت قۇرۇلغانلىق كۈنى» بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتىسى، يەنى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى پەلەستىنلىكلەرنىڭ «ئاپەت كۈنى».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر