5-ئاينىڭ 16-كۈنى، تاماشىبىنلار 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنىڭ پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە كۇگوۋ مۇزىكىسى سۇپىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى تيەنجىندە ئېچىلدى، 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى 1800 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس يىغىنغا قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا «ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋر: يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى تەدبىر» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىغىن، كۆرگەزمە، مۇسابىقە ۋە سىناق «تۆت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» خەلقئارالىق سۇپا بەرپا قىلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى