باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئوغۇللارنى ئارزۇلاپ، قىزلارغا سەل قاراش» سەۋەبىدىن، ھىندىستاندا ھەر يىلى بەش ياشقا توشمىغان 240 مىڭ قىز بالا ئۆلۈپ كېتىدۇ

2018.05.16 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەنىڭ مېدىتسىنا ژۇرنىلى «سۆگەت يوپۇرمىقى - دۇنيا ساغلاملىقى» ژۇرنىلىنىڭ 6-ئايلىق سانىدىكى بىر جىنسىي كەمسىتىش تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ «ئوغۇللارنى ئارزۇلاپ، قىزلارغا سەل قاراش»تەك كۆز قارىشى سەۋەبىدىن، ھىندىستاندا ھەر يىلى بەش ياشقا توشمىغان 240 مىڭغا يېقىن قىز بالا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇ ئاتا-ئانىسى قىز بالىنى كەمسىتىش سەۋەبىدىن ئالدۇرۇۋەتكەن ھامىلىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندىكى سانلىق مەلۇمات ئىكەن.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتقا قاتناشقان ئاۋىستىرىيە خەلقئارا قوللىنىشچان سىستېما تەھلىل ئورنىنىڭ بىر دوكلاتىدا، تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ھېسابلىشىچە، ھىندىستاندا ھەر يىلى تەخمىنەن 239 مىڭ بەش ياشقا توشمىغان قىز بالا جىنسىي كەمسىتىش قارىشى تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىكەن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر يىلدا قازا قىلغان قىز بالىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدىكەن. دوكلاتنىڭ ئاپتورى، فىرانسىيە پارىژ دېكارت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن كىرىستوف گۈيلموتو مۇنداق دېدى: جىنسىي باراۋەرلىك قىزلارنىڭ تەربىيە ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش جەھەتتە باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، «يەنە قىزلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئوزۇقلۇق ۋە ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىق ھالىقىلارغىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھاياتلىققا مۇناسىۋەتلىك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر